|
كېنىيە << ئېشەك ئارىلى >> دىكى ئېشەك دوختۇرخانىسى |
|||
|
|||
|
كېنىيە << ئېشەك ئارىلى >> دىكى ئېشەك دوختۇرخانىسى
كېنىيىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى لامۇ ئارىلىدا بىر << ئېشەك ئارىلى >> دەپ ئاتىلىدىغان كىچىك بازار بار بولۇپ ، كىشىلەر كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ئېشەكنى قاتناش ۋاسىتىسى قىلىدىكەن . بۇ كىچىك بازاردا يەنە بىر ئېشەك دوختۇرخانىسى بار بولۇپ ، بۇ دوختۇرخانا مۇشۇ بازاردىكى كىشىلەرنىڭ ئىشىكىنى ھەقسىز داۋالاپ قويىدىكەن . كىمنىڭ ئىشىكى ئاغرىپ قالسا ، مۇشۇ دوختۇرخانىغا ئېلىپ كەلسىلا ، مەخسۇس دوختۇر ئېشەككە دىئاگنوز قويۇپ ، ئەستايىدىل داۋالايدىكەن . بۇ جاينىڭ ئېشەك بىلەن نامى چىققان بولۇپ ، بۇ جاي ھەر يىلى نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنى قوبۇل قىلىدىكەن ، شۇنىڭ بىلەن بۇلارنىڭ ساياھەتچىلىكتىن قىلىدىغان كىرىمى يىلدىن - يىلغا ئېشىپ بارغان .
<< شەھەرنى قۇم باستى ، يوللار تارىيىپ بىر مېتىر قالدى ، ئېشەك نەگە بارسىلا پاراكەندىچىلىك سالىدۇ >> بۇ بەلكىم نۇرغۇن ساياھەتچىلەرگە لامۇ ئارىلىنىڭ بەرگەن ئۇنتۇلماس تەسىرى بولۇشى مۇمكىن . قەدىمىي بازارنىڭ يوللىرى ناھايىتى تار ، بەزى جايلىرى ناھايىتى قاراڭغۇ ھەم چوڭقۇر ، نۇرغۇن جايلىرىدىن بىر ئادەم ئارانلا ئۆتەلەيدۇ . بۇ جايدا نۇرغۇن كىشىلەر ئېشەكلىرىگە يۈك ئارتىشقا ئادەتلەنگەن . بۇ خىل كۆرۈنۈشلەر لامۇنى ئىسمى جىسمىغا لايىق << ئېشەك ئارىلى >> غا ئايلاندۇرغان . بۇ يەردە ئېشەككە ھېچقانداق چەكلىمە قويۇلمايدىغان بولۇپ ، ھەرقانداق كوچىلاردا ئەركىن يۈرەلەيدۇ .
كونا ، پۈتۈن قالاي دەپ تۇرغان قۇدۇققا چۈشۈپ كەتكەن ئېشەكنى كىشىلەر قۇتقۇزماقتا
لامۇدا مۇنداق بىر ئەقلىيە سۆزى بار : << ئەگەر بىر ئادەمنىڭ بىر ئېشىكى بولمىسا ، ئۇنداقتا ئۇ ھەقىقەتەن ئېشەكنىڭ كاللىسى بولۇشقا مۇناسىپ >> . بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى ، لامۇدا ياشاش ئۈچۈن ئېشەك سېتىۋېلىش شەرت !
ئېشەك ئاغرىپ قالدى ، لامۇلىقلار ئېشەكنىڭ ھاياتىغا ئادەمنىڭ ھاياتىغا كۆڭۈل بۆلگەندىن بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدۇ . لامۇلىقلارنىڭ ئېشەك دوختۇرلىرىمۇ ئېشەك ئاغرىپ بولغۇچە ئېشەكنىڭ قېشىغا ئۈنۈپ بولىدۇ !
ئېشەك دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى لورمۇلا مۇخبىرغا چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى : 1985 - يىلى ئىلزابت . سىتىۋېن ئىسىملىك بىر ئەنگلىيىلىك ئايال لامۇغا كەلدى . ئۇ خەلقئارالىق ئېشەك قوغداش جەمئىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ، ھازىر نۇرغۇن دۆلەتلەردە ئېشەك دوختۇرخانىسى قۇرۇلدى ، ئۇ پۇل ئىئانە قىلىپ لامۇدا بىر ئېشەك دوختۇرخانىسى قۇرۇپ بەرگەن ئىدى .
يەرلىك بىر ئادەم مۇنداق دېدى : ئەينى ۋاقىتتا ئېشەكنى ئاسراش ياخشى بولمىغانلىقتىن نۇرغۇن يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر تارقالغانىدى . ھەتتا بەزى ئېشەكلەرنىڭ تۈكلىرى پۈتۈنلەي چۈشۈپمۇ كەتكەنىدى . ئۇ ۋاقىتتا بىزنىڭ بۇ يەردە تېخى ئېشەك دوختۇرخانىسىمۇ يوق ئىدى . ھەتتا بەزى ئېشەكلەرنىڭ بەدىنى پۈتۈنلەي قۇرتقا توشۇپ كەتكەنىدى . گەرچە باشقا ھايۋانات دوختۇرخانىلىرى بار بولسىمۇ ، ئەمما ئېشەكنى داۋالاش ئۇسۇللىرى ئوخشىمايتتى ، قىسقىسى ئۇلار بۇ جەھەتتە كەسپىي ئەمەس ئىدى . بىر ئېشەك ئوپېراتسىيىدە
|