asti kismi

 جەنۇبىي ئافرىقىدىكى 32 باش تېرىنېرنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى

خەۋەر مەنبەسى:شىنخۇا تورى يوللانغان ۋاقىتى:
بۇ خەۋەر جەمىئىي قىتىم كۆرۈلدى
 

ئىسپانىيە دۇنيا لوڭقىسىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ تېرىنېرلىرىدىمۇ چوڭ ئۆزگىرىشلەر بولدى، بەزىلەر ئورۇننى بىكارلىدى، بەزىلەرنىڭ يامان گېپى چىقتى، بەزىلەر بىر كېچىدىلا داڭدار بولۇپ كەتتى، بەزىلەر جىمجىتلا كېتىپ قېلىشتى. نېمىلا دېمىگەن بىلەن پۇتبول كوماندىسىنى يېتەكلەش ئاسان ئەمەس-دە.

 


كاپىرو (ئىنگلاد)

 

گەرچە سەككىز كۈچلۈك كوماندىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە شاللىنىپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدىن بۇرۇنلا ئىنگىلاد پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى بىلەن  2012-يىلى 6-ئايغىچىلىك توختام ئىمزالاپ بولغان، يىللىق مۇئاشى 7 مىلىيۇن 500 مىڭ ياۋرو.

 


ئورسىن (دانىيە)

 

دانىيە گەرچە گۇرۇپپىلار مۇسابىقىسىدىلا شاللىۋىتىلگەن بولسىمۇ، ئورسىننىڭ ئۈمىدى زور، ئاز دېگەندىمۇ يەنە ئىككى يىل ئىشلىگۈسى بار.

 


لايۋاس (گانا)

 

ئۇنىڭ داۋاملىق گانا كوماندىسىنى يېتەكلەش پۇرسىتى بار، نۆۋەت كالتىكى ئۇنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالمىسىلا.

 


خېپات (يېڭى زىنلاندىيە)

 

ئۇ ئاللىقاچان ياۋروپا، ئاسىيا، ئافرىقا كۇلۇبلىرىنى رەت قىلىپ، يېڭى زىللاندىيە كوماندىسىنى باشلاپ 2014-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە تەييارلاندى.

 


ماتىنو (پاراگۋاي)

 

بۇ ئارگىنتىنالىق توپچىلىرىنى باشلاپ 2011-يىللىق ئامېرىكا قىتئەسى لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە قاتناشقاقچى. بىر مەھەل مارادونانىڭ ئورنىغا چىقىدىغانلار تىزىملىكىدە ئۇنىڭ ئىسمى بارلىقى تارقىلىپ يۈردى.

 


فانمارۋېك (گوللاندىيە)

 

3-ئايدىلا 2012-يىلغىچە توختاملىشىپ بولغان

 


كىۋروز (پورتىگالىيە)

 

ئۇنىڭ توختام ۋاقتى 2012-يىلىغىچە

 


ئاندىچ (سېرۋىيە)

 

گەرچە سېرۋىيىنىڭ ئىپادىسى ئانچە ياخشى بولماي، گۇرۇپپىلار ئارا مۇسابىقىدىلا شاللىنىپ كەتكەن بولىسمۇ، ئۇ يەنىلا داۋاملىق ۋەزىپىسىدە قالدى، ئۇ 2008-يىلى 8-ئايدىن باشلاپلا كوماندىنى يېتەكلىگەن.

 


شىسفېرد (شىۋىتسارىيە)

 

ئۇ بۇرۇنلا :"مەن بىلەن شىۋىيسارىيىنىڭ توختامى 2012-يىلغىچە داۋاملىشىدۇ، ئەگەر شىۋىتسارىيە ماڭا مۇھتاج بولسا، مەن داۋاملىق ئۇلار ئۈچۈن شەرەپ كەلتۈرىمەن" دېگەن.

 


تاۋارىس (ئۇراگۋاي)

 

ئۇنىڭ توختام مۇددىتى توشىشى كېرەكتى، ئەمما گېرمانىيىگە ئۇتتۇرۇپ قويغاندىن كېيىن، ئۇ داۋاملىق قالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇراگۋاي پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىمۇ ئىنتايىن خوش بولدى، ئۇلار 2014-يىلىغىچە توختاملاشتى.

 


مېس (سلوۋاكىيە)

 

2008-يىلىدىن بۇيان سلوۋىكىيىنىڭ تېرىنېرى بولغان، يەنە 2014-يىلىغىچە ئۇزارتىلدى. "بۇ كوماندا ياش، ئەمما تەجىرىبىلىك، داۋاملىق بىللە كۆرەش قىلىمىز"

 


سائادان (ئالجىرىيە)

 

ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن داۋاملىق قېلىشنى ئېيتتى، ئالجىرىيە پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئويلىنىپ كۆرگەندىن كېيىن ماقۇل بولدى ۋە 2012-يىلىغىچە ئۇزارتتى.

 


رېف (گېرمانىيە)

 

دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى تۈگەپلا، گېرمانىيە پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئۇنىڭ بىلەن داۋاملىق 2012-يىلىغىچە توختاملاشماقچى بولدى، رېفمۇ بىرنەچچە كۈن ئويلانغاندىن كېيىن ماقۇل بولدى.

 


بوسىك (ئىسپانىيە)

 

ئۇنىڭ توختامىغا يەنە ئىككى يىل بار ئىدى، ئۇ دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدىن كېيىن باشقىچە بولۇپ قېلىشنى خالىماي يىغىشتۇرۇپ قويدى.

 


پېرىلا (جەنۇبىي ئافرىقا)

 

ئۇ رەسمىي ئورۇننى بوشاتتى. ئۇنىڭ ياردەمچىسى موسمان ئۇنىڭ ئورنىغا چىقتى

 


ۋېربېك (ئاۋسترالىيە)

 

گوللاندىيە بىلەن توختامى ئاياقلاشقاندىن كېيىن، موروگو ياشلار كوماندىسىنى تۇتتى. ئەمدى كىم ئۇنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ؟ پېرسا، پاۋلو.رېگان، تېرىساي بۇ ئىسىملارنىڭ ھەممىسى تىلغا ئېلىنىپ بولۇندى.

 


دونگا (برازىلىيە)

 

دونگا ئاللىقاچان ۋەزىپىسىدىن قالدى. لېئورنادو، سىكلارىلارنىڭ ئۇنىڭ ئورنىنى ئالىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەردىن كېيىن، ئەڭ ئاخىرى مېنىيس ئۇنىڭ ئورنىغا چىقتى.

 


رېگان (كامېرون)

 

ئۇنىڭ توختام مۇددىتى توشتى. ئەمدى يېڭى نىشان تېپىشى كېرەك.

 


جىن جوڭشۈن (چاۋشىيەن)

 

ئۇ بۇرۇنلا ئۆزىنىڭ تەقدىرىنى بېكىتىپ بولغان. "توپچىلىرىمىز مەيداندا پۈتۈن تىرىشچانلىقىنى كۆرسەتتى، لېكىن ئىستراتىگىيىدە كەتكۈزۈپ قويدى. تېرىنېر بولۇش سۈپىتىم بىلەن مەبلۇبىيەتنىڭ ئۆزى مەسئۇلىيەت، مەن ئۇلارغا ياخشى تېخنىكا ئۆگىتەلمىدىم"

 


شۈدىڭماۋ (كورىيە)

 

كورىيە شاللىنىپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇ كېتىشنى قارار قىلدى. چىڭنەن FC دىكى جاۋگۇاڭ ئۇنىڭ ئورنىغا چىقتى.

 


ئالكىس (كوتىدىۋىيە)

 

ئۇنىڭ توختام مۇددىتى مۇشۇ ئىككى كۈن ئىچىدە توشىسا، داۋاملىق توختام تۈزمەيدۇ. فرانسىيىلىك جېررىنىڭ ئۇنىڭ ئورنىغا چىقىش ئېھتىماللىقى زور.

 


دومنىك (فرانسىيە)

 

دۇنيا لوڭقىسىدىن بۇرۇن ۋەزىپىسىدىن قېلىشى بېكىتىلىپ بولۇنغان، برانك ئورنىغا چىقتى.

 


رېخاگېر (گرىتسىيە)

 

2004-يىلىدىكى ياۋروپا لوڭقىسى قەھرىمانىنىڭ توختام مۇددىتى توشۇپ، داۋاملىق توختام تۈزمىدى. پورتىگالىيىلىك فېرناندو.ساتوس ئورنىغا چىقتى.

 


رىپى (ئىتالىيە)

 

رىپى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلدى، پۇراندېرى ئۇنىڭ ئورنىغا چىقتى. رىپى ھېلھەم ئۆز كەلگۈسى توغرىلىق ئويلىنىۋاتىدۇ.

 


ئوكادا تاكېشى (ياپونىيە)

 

ياپونىيە كوماندىسىنىڭ بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسىدىلا ئىپادىسى ناچار بولغان، شۇ چاغدىلا ئۇ ئىستىپا بەرگەن. "بىز چىمپيۇن بولغان تەقدىردىمۇ، مەن ئىشلىمەيمەن"

 


ئاجرى (مېكسىكا)

 

 

مېكسىكا ئارگىنتىناغا ئۇتتۇرىۋەتكەن كۈننىڭ ئەتىسىلا، ئۇ ئىستىپا بېرىدىغانلىقىن جاكارلىغان.

 


راگبېك (نىگىرىيە)

 

ئۇنىڭ توختام مۇددىتى پەقەت جەنۇبىي ئافرىقا دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىگىچىلا ئىدى، ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىش ئېتىماللىقى چوڭ.

 

 

بېرسا (چىلى)

 

ئىلگىرى خېلى كۆپ دۆلەت كوماندىلىرى ئۇنىڭ تەكلىپ قىلغان (مېكسىكا، ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، ياپونىيە)،  يەنە چىلى پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ 2015-يىلىغىچە بولغان تەكلىپىنى تاپشۇرۇپ ئالدى، ئۇنىڭمۇ قارار چىقىرىدىغان ۋاقتى بولۇپ قالدى.

 


برادلى (ئامېرىكا)

 

ئۇ تېرىنىېرلىق 4 يىل، ئامېرىكا كوماندىسىنىڭ تارىخىدىكى ئەڭ ياخشى بولغان تۆت يىل. ئۇنىڭ توختام مۇددىتىمۇ بۇ يىل توشىدۇ، داۋاملىق توختاملىشىش ئېھتىماللىقى بار. لېكىن ئۇ يەنە بىر ئەنگلىيە كۇلۇبىنىڭ تەكلىپىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، تېخى قارار چىقارمىدى.

 


رۇئەيدا (ھوندۇراس)

 

توختام مۇددىتى توشتىم، لېكىن ھىچقانداق خەۋەر يوق.

 


كەيك (سلوۋىنىيە)

 

ئۇنىڭ كوماندىسى گۇرۇپپىلار مۇسابىقىسىدىن چىقالمىغان بولىسمۇ، لېكىن ئۇ ھۆرمەتكە ئېرىشتى. ئۆزىنىڭ كەلگۈسى توغرىلىق ئۇ تېخى گەپ قىلمىدى.

 


مارادونا (ئارگىنتىنا)

 

مارادونا ئەزەلدىن ئىشنى كېسىپ، ھەقىقىي قىلىدۇ. ئارگىنتىنا توپ مەستانىلىرى، پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ھەممىسى ئۇنىڭ تۇتۇپ قالماقچى بولدى، لېكىن يېقىنقى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، جەنۇبىي ئافرىقا ئۇنىڭ ئاخىرقى بېكىتى بولۇپ قالىدىغاندەك قىلىدۇ.

 

asti kismi
  • بەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى نىلۇپەر خەۋەر مەركىزىغا مەنسۇپ،بەتنى قالايمىقان ئۆزگەرتمەڭ،ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
    بىكەت پروگراممىسىنى يازغۇچى:ۋاھىتجان مەمتىمىن          ئالاقە تىلفۇنى:018709081149      پروگرمما نەشىرى:v1.0
    ئەگەر ھەرخىل توربەت سىستىمىلىرىغا ئىھتىياجلىق بولسىڭىز بىزنى ئىزدەڭ.

    ﺵ ICP ﺋﻪ . 10200137 - ﻧوﻣﯘﺭﻟﯘﻕ

    ھازىر تور بىتىمىزدە 1 ئادەم زىيارەتتە بولىۋاتىدۇ